سەئۇدى ئەرەبىستان 2 يېرىم مىليارد دوللارلىق زايوم ئېكسپورت قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ ئاي 2 يېرىم مىليارد دوللار قىممىتىدە زايوم ئېكسپورت قىلدى.

1148472
سەئۇدى ئەرەبىستان 2 يېرىم مىليارد دوللارلىق زايوم ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان مالىيە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، سۇكۇك پىلانى دائىرىسىدە 2019 – يىلى فېۋرال ئېيىدا زايوم ئېكسپورتى پىلانىنىڭ ئورۇندىلىپ بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتقا قارىغاندا، فېۋرال ئېيىدا 2024 قەرەللىك 1 مىليارد 805 مىليون رىيال، 2029 قەرەللىك 274 مىليون رىيال، 2031 قەرەللىك 7 مىليارد 297 مىليون رىيال بولۇپ ئۈچ تۈردە جەمئىي 9 مىليارد 376 مىليون رىيال (ئىككى يېرىم مىليارد دوللار ئەتراپىدا) قىممىتىدە زايوم ئېكسپورت قىلىنغان.

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت قەرزى 2018 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا 149 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇمارتلار دۆلەتنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %19 ىگە توغرا كېلىدىكەن. دۆلەت قەرزلىرىنىڭ كىرىمگە سېلىشتۇرغاندىكى نىبسىتى 2017 – يىلى %17.2 ئىدى.

مۇتەخەسسسىلەر، دۆلەت قەرزىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر