داۋوس يىغىنى ئەتە باشلىنىدۇ
دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى (WEF) نىڭ بۇ يىلقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى 22-25-يانۋار كۈنلىرى شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس بازىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي ۋە سودا-سانائەت ساھەسىنىڭ رەھبەرلىرى قاتنىشىدىغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ بۇ يىللىق ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئەتە (22-يانۋار) «4يەر شارىلىشىش: تۆتىنچى سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىدە دۇنياۋى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش» تېمىسىدا باشلىنىدۇ.
بۇ يىل (2019) 49-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا، 110 دۆلەتتىن كەلگەن 3 مىڭدىن ئارتۇق سودا-سانائەتچى، سىياسەتچى، ئاكادېمىك ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلىدۇ.
يىغىندا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراك، سودا مىنىستىرى رۇھسار پەكجان ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقى مۇرات چەتىنكايانىڭ قاتنىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكۈنچى خامچوت كىرىزىسى تۈپەيلىدىن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاقالغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، داۋوس يىغىنىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرونمۇ بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشمايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيە 4-ئايدا 211 مىليون 494 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.