رۇسىيە OPEC ئارقىلىق ترامپقا جاۋاب قايتۇردى

رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) بىلەن بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ مۇزاكىرە يىغىنىدا، ترامپنىڭ نېفىت مىقدارىنى ئازايتماسلىق توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا ئىنكاس قايتۇردى.

1101950
رۇسىيە OPEC ئارقىلىق ترامپقا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرەلەرنىڭ، بازار شارائىتلىرى توغرىسىدا بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇچرىشىشلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتى تۋىتتېر ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان باياناتلار بىلەن باشقۇرغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ سائىنت. پېتېرسبۇرگ شەھىرىدە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا داۋاملىشىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش مۇزاكىرەلىرى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋىيېننادىكى يىغىندىن بۇرۇن تۋىتتېردا «كېلەر يىلى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئازايتىلماسلىقى كېرەك» دېگەن چاقىرىقى ئۈستىدە توختالدى ۋە مۇنداق دېدى:

«نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرەلەر، بازار شارائىتلىرى توغرىسىدا بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئۇچرىشىشلارنى تۋىتتېردا ئېلان قىلىنغان سىياسىي باياناتلار بىلەن باشقۇرغىلى بولمايدۇ.»

بۈگۈن (6-دېكابىر) ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا باشلانغان نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش كېلىشىمىنىڭ كېلەچىكى مۇھاكىمە قىلىنماقتا.  يىغىندا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كۈنلۈكى 1.5-1 مىليون ۋارىل ئازايتىش قارارىنىڭ چىقىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

يىغىندىن بۇرۇن ئاخباراتقان ئاشكارىلانغان بەزى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەلەپ قىلغان نىسبەتتىن تېخىمۇ ئاز بولۇشنى ئۈمىد قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر