بىر خىتاي شىركىتى نېگىرىيەدە ئوران ئىزدەش رۇخسىتى ئالدى

بىر خىتاي شىركىتىنىڭ نېگىرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىچىروزېراين رايونىدا ئوران ئىزدەپ چىقىرىشىغا رۇخسەت قىلىندى.

1066790
بىر خىتاي شىركىتى نېگىرىيەدە ئوران ئىزدەش رۇخسىتى ئالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېگىرىيەنىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقى «ANP» نىڭ بىلدۈرىشىچە، مىنىستىرلار كېڭىشىدە ماقۇللانغان قارار بىلەن نېگىرىيەدىكى «Toulak 3» ۋە «Terzemour 4» ناملىق نۇقتىلىق قىدىرىپ تەكشۈرۈش ساھەسىلىرىدە، خىتايغا تەۋە زىجىڭ خۇيچۇاڭ ئاممىۋىي ئىلىم پەن ۋە تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىنىڭ ئوران ئىزدەپ چىقىرىشىغا رۇخسەت بېرىلگەن.

خىتاي شىركىتى ئوران بايلىقى مول تىچىروزېراين رايونىغا تەخمىنەن 4 مىليون 500 مىڭ ياۋرو مەبلەغ سالماقچى بولغان.

خىتاي نېگىرىيەدە نېفىت، كانچىلىق ۋە ھۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىدە، ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر