تۈركىيە ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىككىنچى چارەكلىك ئىقتىسادىي ئېشىش

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىككىنچى چارەكلىك ئىقتىسادىي ئېشىش» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1048330
تۈركىيە ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىككىنچى چارەكلىك ئىقتىسادىي ئېشىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىككىنچى چارەكلىك ئىقتىسادىي ئېشىش» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

تۈركىيە ئىقتىسادى 2018 – يىلىنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە 2017 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %5.2 ئاشتى. بۇ، تۈركىيە ئىقتىسادى ئارقا – ئارقىدىن ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن يەتتىنچى چارەك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى چارەكلىك سانلىق مەلۇماتلار، 2018 – يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىدە %7.3 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئىككىنچى چارەكتە بىرىنچى چارەككە سېلىشتۇرغاندا مۇئەييەن دەرىجىدە ئاستىلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. ئەسلىدە بۇ سانلىق مەلۇماتلار، بۇ يىلنىڭ قالغان يېرىمى شۇنداقلا 2018 – يىللىق ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ دەسلەپكى سىگناللىرىنى بەرگەن بولدى. بۇ نۇقتىدىن ئىككىنچى چارەك ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ 2018 – يىللىق ئېشىشقا ئىجابىي مەنىدە ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن.

ئەلۋەتتە، يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيە ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن ئاساسسىز ھەرىكەتلەرنىڭ تاشقى پېرېۋوتنىڭ كۈچلۈك ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ۋە تاشقى پېرېۋوتتىكى بۇ داۋالغۇشلارنىڭ بۇ ھەپتە ئىچىدە چاقىرىلىدىغان پۇل سىياسىتى ئورگىنى يىغىنىدا چىقىرىلىدىغان قارارلاردىن كېيىن قايسى يۆنىلىشكە يۈزلىنىدىغانلىقى كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتىكى بۇ داۋالغۇشلارنىڭ ئىيۇل – ئاۋغۇست – سېنتەبىر ئايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۈچىنچى چارەكلىك ئىقتىسادىي ئېشىشقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىمۇ ئايرىم مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئىككىنچى چارەكلىك ئىقتىسادىي گۈللىنىشكە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپ، ئىستېمال ۋە سېلىنما نىسبىتىدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئاستىلاش بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن، بۇ ئاستىلاشقا قارىماي، سانلىق مەلۇماتلار ئېشىشنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىچكى تەلەپنىڭ يەنىلا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلماقتا. بۇ مەزگىلدە ئېكسپورتتا كۆرۈنەرلىك ئېشىش بولدى؛ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، ئېكسپورت %4.5 ئاشتى. ئىمپورت بولسا، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %0.3 يەنى چەكلىك مىقداردا ئاشتى.

ئالدىمىزدىكى مۇساپىگە قارىتا، دۇنيا سودىسى مۇئەييەن مىقداردا تارىيىشقا يۈز تۇتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى نامايان قىلىدىغان تاشقى سودا كۈچىنىڭمۇ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن. تۈركىيە ئىقتىسادى 2018 – يىلى ئېكسپورتتا يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن تەقدىردە، ئېكسپورت سايىسىدا قىزىل رەقەمنى تۆۋەنلىتىدىغان ئېشىش مودېلى ئىجرا قىلىنىشى؛ بۇ مودېل تۈركىيە ئىقتىسادىنى كۆزلىگەن مۇقىم ئېشىش قۇرۇلمىسىغا ئىگە قىلىشى مۇمكىن.

يەنە بىر تەرەپتىن ئېشىشقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى پائالىيەت نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىدىغان بولساق، يېزا – ئىگىلىكنىڭ %1.5لىك تۆۋەنلەش بىلەن كەينىگە چېكىنگەنلىكىنى، خىزمەت ساھەسىدە %8، سانائەتتە %4.3 ۋە قۇرۇلۇش ساھەسىدە %0.8 لىك ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە ئىقتىسادى ئىككىنچى چارەكتە قولغا كەلتۈرگەن %5.2 لىك بۇ ئېشىش نىسبىتى بىلەن، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا بايراقدار ئورۇنغا يەتكەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىككىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان بولدى.

2018 – يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا يەنى 3 – ۋە 4 – چارەكتە قولغا كەلتۈرۈلىدىغان ئىقتىسادىي ئېشىشتا، تاشقى پېرېۋوتتىكى يۆلىنىشنىڭ تەسىرىنىڭ روشەن شەكىلدە ھېس قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق. ئېلان قىلىنغان ئىككىنچى چارەكلىك ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردىن تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ تەڭپۇڭلىشىش باسقۇچىغا ئەمەلىي قەدەم باسقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. دېمەك، ئىغۋاگەر ھەرىكەتلەرگە دۇچ كېلىشىمىز بولسۇن، مەيلى گېئوپولىتىكىلىق خەۋپلەرگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان مۇشۇ مۇساپىدە بولسۇن، مەۋجۇت ئىقتىسادىي مۇۋازىنەتنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، ھەم يەرلىك ھەم دۇنياۋى ئۆلچەمدە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي دىنامىزمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئېلىپ مېڭىشنىڭمۇ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش لازىم.

بۇنىڭدىن سىرت، دوللاردىكى داۋالغۇشلار ناھايىتى يۇقىرى بولۇۋاتقان، تاشقى پېرېۋوتتىكى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ تۈپ ماكرو ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پۇل سىياسىتى ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ چارە – تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ماكرو ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ئۈچۈن يېڭى نىشانلارنىڭ بېكىتىلىشىگە، بۇ نىشانلارغا يېتىش يولىدا ئىجرا قىلىنىدىغان سىياسەتلەرنى بەلگىلەيدىغان يېڭى بىر ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلانغا باغلانغان ئۈمىد كۈچەيدى.

نۆۋەتتە پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ كۆزى – قۇلىقى ھەم يولغا قويۇلىدىغان مالىيە سىياسىتى، ھەم پۇل سىياسىتىگە ماس ماكرو ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر بېكىتىلگەن يېڭى ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلانغا مەركەزلەشمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر