ئابدۇنناسىر ھىممەتى: تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە يەرلىك پۇل بىرلىكلىرىنى ئىشلىتىپ سودا قىلىدۇ

ئىران مەركىزىي بانكىسى باشلىقى ئابدۇنناسىر ھىممەتى، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ يەرلىك پۇل بىرلىكلىرىنى ئىشلىتىپ سودا قىلىش مەسىلىسى بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1045935
ئابدۇنناسىر ھىممەتى: تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە يەرلىك پۇل بىرلىكلىرىنى ئىشلىتىپ سودا قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مەركىزىي بانكىسى باشلىقى ھىممەتى مەتبۇئاتقا بايانات بېرىپ، يېقىن كېلەچەكتە تۈركىيە ۋە رۇسىيە مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقلىرىنى، بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا 7 – سېنتەبىردە چاقىرىلغان سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى تىلغا ئالغان ئابدۇنناسىر ھىممەتى، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ئاساسلىق مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ – سېتىش بىلەن بانكىچىلىق مەسىلىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، 3 دۆلەتنىڭ سودىدا دوللارنى سەپنىڭ تېشىدا قالدۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمپىكىر ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە – رۇسىيە – ئىراننىڭ ئۆز پۇل بىرلىكلىرىنى ئىشلىتىپ سودا قىلىدىغانلىقىنى ۋە پۇل – مۇئامىلىسىنىڭ بېكىتىلگەن تاشقى پېرېۋوت ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر