ئەردوغان خەلقئارا سودىدا دوللارغا بولغان بېقىندىلىققا خاتىمە بېرىش قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خەلقئارا سودىنىڭ دوللارغا بولغان بېقىندىلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «ئۆز پۇل بىرلىكلىرىمىزنى ئىشلىتىپ سودا قىلىش يولىغا مەركەزلىشىشنى تەكلىپ قىلىمىز» دېدى.

1041792
ئەردوغان خەلقئارا سودىدا دوللارغا بولغان بېقىندىلىققا خاتىمە بېرىش قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رۇھ ئوردو مەدەنىيەت مەركىزىدە قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېئېنبېكوۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «6 – نۆۋەتلىك تۈرك كېڭىشى باشلىقلار يىغىنى» غا ئشىتىراك قىلدى ۋە ئۇ يەردە سۆز قىلىپ، «خەلقئارا سودىنىڭ دوللارغا بولغان بېقىندىلىقى نۆۋەتتە بىر توسۇق سۈپىتىدە ئالدىمىزغا چىقىشقا باشلىدى... ئۆز پۇل بىرلىكلىرىمىزنى ئىشلىتىپ سودا قىلىش يولىغا مەركەزلىشىش تەكلىپ قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر