ئالبايراق: خىتاي مالىيە ئورگانلىرى تۈركىيەگە 3.6 مىليارد دوللار قەرز بېرىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، خىتاي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ساھەسى سېلىنمىلىرىغا قەرز ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1020580
ئالبايراق: خىتاي مالىيە ئورگانلىرى تۈركىيەگە 3.6 مىليارد دوللار قەرز بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، خىتاي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ساھەسى سېلىنمىلىرىغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن خۇسۇسىي ساھە، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە بانكىلارغا بېرىلىدىغان 3 مىليارد 600 مىليو دوللارلىق قەرز پىلانىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر بەرات ئالبايراق تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقىتىپ، ماي ئېيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان خىتاي زىيارىتىدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، خىتاي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ساھەسى سېلىنمىلىرىغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن خۇسۇسىي ساھە، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە بانكىلارغا بېرىدىغان 3 مىليارد 600 مىليو دوللارلىق قەرز پىلانىنىڭ تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەمگىكى سىڭگەن بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، خەيرلىك بولسۇن!» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر