ئىران 18 تۈرلۈك مەھسۇلاتنىڭ ئېكىسپورت قىلىنىشىنى مەنئىي قىلدى
ئىران تاموژنا ئىدارىسى 18 تۈرلۈك مەھسۇلاتنىڭ ئېكىسپورت قىلىنىشىنىڭ مەنئىي قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1007790
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ «‹مەھىر› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران تاموژنا ئىدارىسى ئۇن، بۇغداي، قوناق ۋە ئارپا قاتارلىق 18 تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ ئېكىسپورت قىلىنىشىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغانغا قەدەر مەنئىي قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
ئىران تاموژنا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەكبەر شادەمانى بۇ بەلگىلىمىنىڭ دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق تاموژنا ئېغىزلىرىدا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ئەمما بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئېكىسپورت قىلىنىشىنىڭ نېمىشقا مەنئىي قىلىنىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرمىگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.