تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللەنمەكتە

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللەنمەكتە» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

994567
تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللەنمەكتە» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. 

2017 – يىلى %7.4 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە ئىقتىسادى، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلىرى ئارىسىدا ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم بىر ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. بۇ جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى 2018 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە %7.4 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈشى، تۈركىيە ئىقتىسادىنى ئەڭ كۈچلۈك ئېشىشلارنى قولغا كەلتۈرگەن دۇنيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا يەنە بىرىنچى ئورۇنغا چىقاردى. 2018 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە ئىچكى تەلەپ ۋە سېلىنما مەنبەلىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە ئىقتىسادىدا، خۇسۇسىي ئىستېمال سەرپىياتى %11 ئاشتى. دۆلەتنىڭ ئىستېمال سەرپىياتلىرىدىكى ئېشىش %3.4 بولدى.

ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئومۇملاشتۇرۇپ باھا بېرىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا خۇسۇسىي ئىستېمال ساھەسىنىڭ %6.7 لىك نىسبەت بىلەن ئەڭ كۆپ ھەسسە قوشقانلىقى كۆرۈلدى. سېلىنمىلاردىكى 2.8 پوئىنتلىق، دۆلەتنىڭ ئىستېمال سەرپىياتلىرىدىكى 0.5 پوئىنتلىق ئۆرلەش ئىقتىسادىي ئېشىشنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ئامىللار بولدى. ئېكسپورت بولسا، ئىقتىسادىي ئېشىشقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ، ئېشىشنى 3.6 پوئىنت چېكىندۈردى.

بۇ يىلنىڭ بىرىنچى چارىكىدە ئېكسپورتتا %0.5 لىك، ئىمپورتتا بولسا، %15.6 لىك ئېشىش بولغانلىقى كۆرۈلمەكتە. گەرچە بۇ مەزگىلدە ئېكسپورت ئىقتىسادىي ئېشىشقا كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشالمىغان، ئىمپورتتىكى ئېشىش تۈپەيلى ئېكسپورتنىڭ تەسىرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە ئېكسپورتنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشقا قوشىدىغان ھەسسىسىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۈچلۈك مەركەزلىشىش كېرەك بولغان ساھەلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ.

سېلىنما ساھەسىدىكى ئېشىشلارنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن. ماشىنىسازلىق ساھەسى سېلىنمىلىرىدا %7 لىك ئېشىش كۆرۈلدى. بۇ ئەھۋال، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدىمۇ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. سۈپەتلىك ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ موتور كۈچى ھېسابلىنىدىغان ئېكسپورت ۋە سېلىنمىلارغا ئايرىم بىر كۆزنەك ئاچىدىغان بولساق، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئەلا سۈپەتلىك شۇنداقلا سىجىل ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېكسپورت ۋە سېلىنمىلارنىڭ ئېشىشقا قوشىدىغان تۆھپىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش لازىم.

يەنە بىر تەرەپتىن ساھەلەر بويىچە ئىقتىسادىي ئېشىشقا نەزەر تاشلىنىدىغان بولسا، خىزمەتلەر ساھەسىنىڭ قوشۇمچە قىممىتىدە %10 لىك، سانائەت ساھەسىدە %8.8لىك، قۇرۇلۇش ساھەسىدە %6.9لىك، يېزا ئىگىلىكتە %4.6لىك ئېشىش بولغانلىقى كۆرۈلىدۇ. بۇ يەردە، سانائەت ساھەسىدىكى قوشۇمچە قىممەت ئېشىشىنى ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ پاراۋۇزى، دەپ قاراش مۇمكىن.

ئەمدى، بۇ ئالاھىدە ئېشىشنىڭ ئەمگەك كۈچى بازارلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە كېلىدىغان بولساق، تۈركىيە ئىقتىسادى بۇ مەزگىلدە بىر تەرەپتىن يۇقىرى ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىش پۇرسىتى يارىتىش دوستى ئېشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئەمگەك كۈچى بازارلىرىغا ئىجابىي ھەسسە قوشتى. 2018 – يىلى فېۋرال ئېيىغىچە بولغان يېقىنقى بىر يىلدا ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار سانى 1 مىليون 210 مىڭغا يەتتى؛ 2017 – يىلىنىڭ فېۋرال ئېيىدىكى %12.6 لىك ئىشسىزلىق نىسبىتى 2018 – يىلىنىڭ فېۋرال ئېيىدا %10.6 گە تۆۋەنلىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە ئىقتىسادى بۇ مەزگىلدە قولغا كەلتۈرگەن ئېشىش سۈرئىتى ئارقىلىق يالغۇز ماكرو مەنىدىلا بىر ئۇتۇق ھېكايىسى يازمىدى؛ ئۇ مەيلى ئىش – ئەمگەك ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلار بولسۇن، مەيلى كىرىم تەقسىماتى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ساھەسىدىكى ياخشىلىنىش بىلەن مىكرو بولسۇن، مەنىدىمۇ ئۇتۇقلۇق ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەلۋەتتە، يېقىندىن بۇيان خەلقئارا مالىيە ئورگانلىرى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئالاقىدار مۆلچەرلىرىنى تۆۋەنلەتتى. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2018 – يىلى دەسلەپكى چارىكىدە  %7.4 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە بىرىنچى، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ئىككىنچى رەتتىن ئورۇن ئېلىشى، ئەسلىدە مەزكۇر ئورگانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم خاتالاشقانلىقىنى روشەن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى.

2003 – 2017 – يىللار مەزگىلىدە ئوتتۇرىچە %7؛ 2010 – 2017 – يىللار مەزگىلىدە ئوتتۇرىچە %6.8 ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە ئىقتىسادى سىجىل، سىغدۇرۇشچان ۋە ئىش – ئەمگەك دوستى ئېشىش نىشانىغا قاراپ دادىل قەدەملەرنى تاشلاپ ئىلگىرىلمەكتە؛ بۇ دائىرىدە ئىجرا قىلىنغان ئىقتىسادىي سىياسەتلەر كۈنسېرى مۇستەھكەم ۋە كۈچلۈك قۇرۇلمىغا ئىگە بولماقتا. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدىمۇ بۇ ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى ئىقتىساد قارىشى دائىرىسىدە ھەم ئىچكى دىنامىكىلاردا مۇۋازىنەت ئامىلىنى نەزەردە تۇتىدۇ ھەم دۇنيا ئىقتىسادلىرى ئىچىدە تېخىمۇ رىقابەتچى ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر