دۇنيا بانكىسى تۈركىيەنىڭ 2018-يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش پەرىزىنى ئېلان قىلدى

دۇنيا بانكىسى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل (2018)%4.5، كېيىنكى ئىككى يىلدا بولسا %4 دىن ئاشىدۇ دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

986813
دۇنيا بانكىسى تۈركىيەنىڭ 2018-يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش پەرىزىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسىنىڭ 2018-يىلنىڭ ئىيۇن ئايلىق "دۇنيا ئىقتىساد مۆلچەرلىرى" دوكلاتى ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا، دۇنيا ئىقتىسادىنى بۇ يىل (2018) مۇ 2017-يىلىدىكىگە ئوخشاش %3.1  ئاشىدۇ دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تەڭپۇڭ ھالەتتە ئېشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ، كۆپىيىۋاتقان خەتەرلەرنىڭ مۇقىملىققا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، پۇل-مۇئامىلىدىكى داۋالغۇشلار، سىياسىي ئېنېقسىزلىقلار ۋە گېئوپولىتىكىلىق جىددىيچىلىكلەرنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن دوكلاتتا، تەرەققىي قىلغان ۋە يۈكسەلگەن بازار ئىقتىسادىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ھەمدە مالىيە جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقىنى كۈچەيتىش تەۋسىيە قىلىندى.

دۇنيا بانكىسى دوكلاتىدا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشى توغرىسىدا پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بانكىسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرى تۈركىيەنىڭ بۇ يىلقى ئىقتىسادىي ئېشىشى %4.5، 2019- ۋە 2020-يىللىرى بولسا، %4 دىن ئاشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر