تۈركىيە-سېربىيە سودا مۇنبىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى
ئەردوغان تۈركىيە-سېربىيە سودا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، 2017-يىلى ئىككى دۆلەت سودا ئومۇمىي ھەجىمىنىڭ 1 مىليارد دوللاردىن ئاشقانلىقىنى، بۇ رەقەمنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە 2 مىليارد، كېيىنچە 3 مىليارد دوللارغا چىقىرىشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (6-ماي) كەچتە ئىستانبۇلدا دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇجىج قاتنىشىشى بىلەن، تۈركىيە-سېربىيە سودا-سانائەتچىلەر مۇنبىرى ئېچىلدى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنبەردە سۆز قىلىپ، سېربىيە پىرېزىدېنتى ۋۇجىج ۋە سودا-سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن ئۆزىنى كۆپ بەختىيار ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنبەرنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن يېڭى سودا پۇرسەتلىرىگە، لايىھەلەرگە، سېلىنمىلارغا ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ تۈركىيە ئۈچۈن دوست دۆلەت بولغان سېربىيەنىڭ بالقان رايونىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق دۆلەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ سېربىيە بىلەن بولغان كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى ھەر ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بۇ تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھەر ئىككى دۆلەتتە كۈچلۈك ئىرادىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، پىرېزىدېنت ۋۇجىجنىڭ زىيارىتىنى بۇ ئىرادىنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك بېشارىتى، دەپ كۆرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ 7-ماي (بۈگۈن) ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە-سېربىيە يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ بىرىنچى يىغىنى بىلەن، ھەمكارلىقلارنىڭ سۈرئىتىنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيە 4-ئايدا 211 مىليون 494 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.