ئەنگلىيەدىن ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە ئالدىن ئايروپىلان بېلەت زاكاس قىلىشى كۆپەيدى

ئەنگلىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە ئالدىن ئايروپىلان بېلىتى زاكاس قىلىشى % 84 ئاشتى.

957853
ئەنگلىيەدىن ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە ئالدىن ئايروپىلان بېلەت زاكاس قىلىشى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئەنگلىيەدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھاۋا يوللىرى ۋە ساياھەت شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان توماس كوك گۇرۇھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئەنگلىيەلىك  ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە ئالدىن ئايروپىلان بېلىتى زاكاس قىلىشى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 84 ئاشقان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ % 61 تىنى ئائىلىلىكلەر تەشكىل قىلغان، بۇنىڭغا، تۈركىيەدىكى ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ ياخشى، باھانىڭ ئەرزان بولۇشى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ئەنگلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ ئالدىن بېلەت زاكاس قىلىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا تۈركىيە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ تاللايدىغان جايلار ئارىسىدا تۈركىيەدىكى ساياھەت رايونلىرى ئىسپانىيە ۋە كاناريا ئاراللىرىنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

ھازىرغىچە ئەنگلىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىن ئايروپىلان بېلىتى زاكاس قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئىسپانىيە بىرىنچى، گىرېتسىيە ئىككىنچى، تۈركىيە ئۈچىنچى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۆتىنچى، كارايىپ  ئاراللىرى بەشىنچى رەتكە تىزىلغان.

توماس كوك گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى كرىس موتتېرشاد بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېگەن: «ئەنگلىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە ھازىرغىچە ئالدىن ئايروپىلان بېلەت زاكاس قىلىشى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر