«تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى سۇيىقەستلىك ئويۇننى تارمار قىلدى»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ بەزى كۈچلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قارىتا ئويناۋاتقان سۇيىقەست ئويۇنىنى تارمار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

950027
«تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى سۇيىقەستلىك ئويۇننى تارمار قىلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەزى كۈچلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈركىيەگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن بولۇپمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئويلىنىلىۋاتقان سۇيىقەستلىك ئويۇننى تارمار قىلغانلىقلىرىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

بەزى كۈچلەرنىڭ تېررورىزم ۋە ېرېۋوت نىسبىتىنى كوزېر سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، تۈركىيەگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن سۇيىقەستلىك تۇزاق قۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇيىقەستلىك پىلانلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كۈچلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىلەر قانچە قىلماڭلار، ھەرگىزمۇ مەقسىتىڭلارغا يېتەلمەيسىلەر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر