تېسلانىڭ « Sمودېل» ئاپتوموبىلىدا چاتاق كۆرۈلگەن

ئامېرىكانىڭ توك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى تېسلا (Tesla) 123 مىڭ ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

940727
تېسلانىڭ « Sمودېل» ئاپتوموبىلىدا چاتاق كۆرۈلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېسلا شىركىتى 123 مىڭ « Sمودېل»  ئاپتوموبىلىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

شىركەتنىڭ خېرىدارلىرىغا ئەۋەتىلگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، « Sمودېل» ئاپتوموبىلىنىڭ رولىدا كۆرۈلگەن چاتاق سەۋەبىدىن 2016-يىلى ئاپرېلدىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق « Sمودېل» ئاپتوموبىللىرىنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، سوغۇق تېمپېراتۇرادا تۇز چېچىلغان يوللاردىكى كالتىسىي ۋە ماگنىينىڭ « Sمودېل» نىڭ رولىنىڭ چىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ تۆۋەن سۈرئەتتە ماڭغاندا ۋە توختاتقاندا شوپۇرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر مەسىلە سەۋەبىدىن بۈگۈنگىچە ھېچقانداق تېسلا ئاپتوموبىللىرىدا ۋەقە-ھادىسە كۆرۈلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، تېسلانىڭ خېرىدارلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كېرەكلىك پارچىسىنى ئالماشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تېسلانىڭ نىيۇ يورك پاي چېكى بازىرىدا سېتىلىۋاتقان پاي چېكى %4 تۆۋەنلەپ 255.55 دوللارغا چۈشتى.

تېسلا شىركىتى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئوخشىمىغان سەۋەبلەر بىلەن 140 مىڭ ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇۋالغان بولۇپ، 2017-يىلى قول تورمۇزىدىكى چاتاق سەۋەبىدىن 53 مىڭ دانە Sمودېل ۋە Xمودېل ئاپتوموبىلىنى، 2015-يىلى بولسا، بىخەتەرلىك تاسمىسىدا كۆرۈلگەن مەسىلە سەۋەبىدىن 90 مىڭ Sمودېل ئاپتوموبىلىنى قايتۇرۇۋالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر