تۈركىيە ئىقتىسادى گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە ئىقتىسادى گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

936269
تۈركىيە ئىقتىسادى گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە ئىقتىسادى گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز!

2017 – يىلى ناھايىتى يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە ئىقتىسادى، نامايان قىلغان بۇ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ھەم ئۆتكەن يىللارغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا يۇقىرى ئېشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى، ھەم دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلىرى بىلەن كىرگەن رىقابەتتە بۇ دۆلەتلەردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى. نۆۋەتتە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىققەت – نەزىرى ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە ئېلان قىلىنىدىغان 2017 – يىلىنىڭ 4 – چارەكلىك ئىقتىسادىي ئېشىشىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا مەركەزلەشمەكتە. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن ئېشىش نىسبەتلىرى يىللىق ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئېشىش نسىبەتلىرىدە قانداق ئەكس ئېتىدىغانلىقىنى يېقىندا كۆرىمىز.

تۈركىيە ئىقتىسادى گۈللەنمەكتە؛ بىر دۆلەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ زورىيىشى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىقتىسادىي ئېشىش، دۆلەت ئىقتىسادىدا مۇئەييەن جەريان ئىچىدە كۆرۈلگەن ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمنىڭ قانچىلىك ئاشقانلىقىغا قاراپ، ئۇ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ قانچىلىك گۈللەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

دۆلەتلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم ئەھۋالىغا قاراپ يەكۈن چىقىرىلىدىغان سىنىپلارغا ئايرىشتا كىرىمى 1005 دوللاردىن تۆۋەن دۆلەتلەر كىرىمى تۆۋەن دۆلەتلەر كاتېگورىيەسىدىن؛ كىرىمى 1006 دوللار بىلەن 12235 دوللار ئارىسىدىكى دۆلەتلەر بولسا، كىرىمى ئوتتۇرىچە دۆلەتلەر كاتېگورىيەسىدىن؛ 12335 دوللاردىن يۇقىرى بولغانلار بولسا، يۇقىرى كىرىمگە ئىگە دۆلەتلەر كاتېگورىيەسىدىن ئورۇن ئالماقتا. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك ئېشىش نىسبىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ ھەم كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمدىكى ئېشىشقا، ھەم كىرىم كاتېگورىيەسىدە ئۆرلىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن.

بۇ دائىرىدە تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئالدىمىزدىكى مۇساپىدىكى ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر كاتېگورىيەسىگە كىرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، 2018 – 2020 يىللىق ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، تۈركىيە 2020 – يىلىدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم 13 مىڭ دوللاردىن ھالقىپ كەتكەن تەقدىردە، كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر سېپىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

2017 – يىلىنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە %11.1 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە ئىقتىسادى، بۇ مەزگىلدە 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا %6.8 ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن خىتاي ۋە %6.1 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن ھىندىستاننى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئارقىدا قالدۇرغانىدى. 2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ چارىكىدە ئوتتۇرىچە %7.4 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە ئىقتىسادى، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى كۈچلىرىنى ئارقىدا قالدۇرغان بۇ ئۈستۈنلۈكى بىلەن كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئالاقىدار مۆلچەرلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىگە سەۋەب بولغانىدى.

ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە ئېلان قىلىنىدىغان تۆتىنچى چارەككە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېشىش سۈرئىتىنى مۇقىم داۋاملاشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە. ئېشىشنىڭ دەسلەپكى كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا ئالاقىدار يېقىنقى ئۈچ ئايلىق سانلىق مەلۇماتلار، تۆتىنچى چارەكلىك ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنىڭ %7 بىلەن %7.5 ئارىسىدا بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. بۇنداق بولغاندا، تۈركىيە ئىقتىسادى 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە قولغا كەلتۈرىدىغان ئېشىش نىسبىتى بىلەن يەنە دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ مەزگىلدە خىتاي يىللىق ئوتتۇرىچە %6.9 ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا، ھىندىستان ئاخىرقى چارەكنى %7.2 لىك ئېشىش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. دېمەك، تۈركىيە %7 دىن ئارتۇق ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن تەقدىردە، قايتىدىن 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا بايراقدار ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان سېلىنمىلار مەسىلىسىگىمۇ دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ 2005 – يىلىدىن بۇيان بىۋاسىتە چەت ئەل سېلىنمىسىنى جەلپ قىلىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى مەلۇم.

بۇنىڭدىن سىرت بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى جۇمھۇر رەئىس تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان سېلىنما مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا ھەسسە قوشىدىغان «سېلىنما مۇھىتىنى ياخشىلاش ئىسلاھات پىلانى»  ئارقىلىق ھەم نۆۋەتتىكى مەۋجۇت مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئاسانچىلىق يارىتىپ بېرىش ھەم تۈركىيەنى مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ جەلپكار ھالەتكە كەلتۈرۈپ، يېڭى مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن مۇھىم بىر قارار ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە بولۇپ كەلگىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتىمۇ مەزكۇر سېلىنمىلارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا ياردەمچى بولىدىغان ئىسلاھات پىلانىغا ئوخشاش يېڭىلىقچى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىش مەركەزلىك قەدەملەرنى تاشلاشقا ئېھتىياجى بار. بۇنى مەيلى ئېكسپورتتىكى ئىلغار تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلات پېيىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى جەھەتتە بولسۇن، مەيلى قىزىل رەقەمنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىدە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئاشۇرۇش دېگەندەك ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ سىجىللىقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان ساھەلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بولسۇن، ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن.

خۇلاسىلىگەندە، بۇ يەردە تۈركىيە ئىقتىسادى قولغا كەلتۈرگەن مۇشۇنداق يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، مەزكۇر ساھەلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىر ئىسلاھاتنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر