تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە ياۋروپادا ئالتىنچى ئورۇنغا ئۆتتى

تۈركىيەنىڭ شامال ئېنېرگىيە كۈچى 2017-يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا 766 مېگاۋات ئېشىپ، 6 مىڭ 857 مېگاۋاتقا يەتتى.

912054
تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە ياۋروپادا ئالتىنچى ئورۇنغا ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ شامال ئېنېرگىيە كۈچى 2017-يىلىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىغا نامزات دۆلەتلەر ۋە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 39 دۆلەت ئىچىدە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ، ئالتىنچى ئورۇنغا چىقتى.

ياۋروپا شامال ئېنېرگىيە بىرلەشمىسىنىڭ 2017-يىللىق ئىستاتىستىكا دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، نامزات دۆلەتلەر ۋە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 39 دۆلەتنىڭ جەمئىي شامال ئېنېرگىيە كۈچى 178 مىڭ 96 مېگاۋاتقا چىققان. بۇ دۆلەتلەر ئىچىدە گېرمانىيەنىڭ شامال ئېنېرگىيە كۈچى 56 مىڭ 132 مېگاۋات بولۇپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئىسپانىيە بولسا، 23 مىڭ 170 مېگاۋاتلىق شامال ئېنېرگىيە كۈچى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئەنگلىيە 18 مىڭ 872 مېگاۋاتلىق شامال ئېنېرگىيە كۈچى بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

شامال ئېنېرگىيە كۈچىنى 2017-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 766 مېگاۋات ئاشۇرغان تۈركىيە بولسا، 6 مىڭ 857 مېگاۋات بىلەن ئالتىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر