شىۋېتسىيەلىك ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ تۈركىيەنى تاللىدى

تۈركىيە بۇ يىل شىۋېتسىيەلىك ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ ساياھەت قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

912089
شىۋېتسىيەلىك ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ تۈركىيەنى تاللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «‹ Expressen› گېزىتى» نىڭ سىكاندىناۋىيەدىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت شىركىتى « Ticket » نىڭ دوكلاتىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيەگە ساياھەت قىلىش ئۈچۈن ئالدىن بېلەت زاكاس قىلدۇرغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىدا، بۇ يىل يانۋاردا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 83 ئېشىش كۆرۈلگەن. شىۋېتسىيەلىك ساياھەتچىلەر بولۇپمۇ ئانتاليانىڭ ئالانيا، سىدە، بەلەك قاتارلىق ساياھەت رايونلىرى ئۈچۈن بېلەت زاكاس قىلىشى ئۈچ ھەسسە يۈسەلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر