«تۈركىيە – ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد دوللاردىن ئاشىدۇ»

ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى تۈركىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 150 مىليون دوللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ يىل ئىچىدە 1 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

896122
«تۈركىيە – ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد دوللاردىن ئاشىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زەيبەكچى ۋېنېزۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاستا سودا دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرىگە خىتاب قىلغاندا، تۈركىيە – ۋېنېزۇئېلا خەلقلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپ پۇرسەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ پۇرسەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى، بۇ مەقسەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەمراھلىق، ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ سېلىشنى تەشۋىق قىلىش، قوش باج تۈزۈمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردىكى كېلىشىملەرنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قىلىدىغان زىيارىتىدە ئىمزالىنىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋېنېزۇئېلا ئىقتىسا ۋە مالىيە مىنىستىرى سىمون زېرپا بولسا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقتىن، تۈركىيە  بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىقتىسادىي ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد – سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالدىدا توسالغۇلارنى پاۋاقلاپ تاشلايمىز، شۇنىڭ بىلەن، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر