ترامپ ئەڭ كۆپ قورال ساتقان پىرېزىدېنت بولۇپ قالدى

ئاقسارايدىكى پىرېزىدېنتلىق ئورنىغا 20-يانۋار ئولتۇرغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ نويابىر ئېيىغىچە تەخمىنەن 49 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.

857461
ترامپ ئەڭ كۆپ قورال ساتقان پىرېزىدېنت بولۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كونگرەسىدە بېرىلگەن ھەربىي كېلىشىملەرگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپ يېقىنقى دەۋردە ئەڭ كۆپ قورال ساتقان پىرېزىدېنتلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئامېرىكا 2017-يىل يانۋاردىن نويابىر ئېيىغىچە ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە تەخمىنەن 49 مىليارد دوللار قىممىتىدە قورال-ياراغ ۋە ھەربىي ئەسلىھە ساتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ يۇقىرى قورال سودىسى رەقىمىگە يەتكەن.

قورال سودىسى رەقىمىنىڭ ئۆتكەن يىلقى (2016) 33 مىليارد دوللاردىن بۇ يىلقى 49 مىليارد دوللارلىق سەۋىيەگە يېتىشى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «قورال سېتىش كېلىشىمىدە بۇرۇنقى ھۆكۈمەتتىن ئۈمىدۋار» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئامېرىكا پەقەتلا بىر تۈر بويىچە كاناداغا ئەڭ كۆپ قورال ساتقان بولۇپ، سېنتەبىر ئېيىدا 5.2 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالانغان. كانادادىن قالسا، بەھرەين بىلەن 3.9 مىليارد دوللارلىق قورال سودا كېلىشىمى ئىمزالانغان ۋە كۆپ تۈر بويىچە ھەربىي قورال-ياراغ ھەمدە ئەسلىھە سېتىلغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان 23-يانۋاردىن بۇيان ئامېرىكادىن جەمئىي 3.6 مىليارد دوللارلىق ھەربىي قورال-ياراغ سېتىۋالغان. پىرېزىدېنت ترامپنىڭ رىياد زىيارىتى جەريانىدا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان 110 مىليارد دوللارلىق ھەربىي سېلىنما كېلىشىم لايىھەسى، ھازىرچە مۇداپىئە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرۈلمىگەن.

ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ كېلىشىم لايىھەسى بارلىق تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي كېلىشىم تۈزۈلىدىكەن ۋە ئامېرىكادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەۋەتىلىدىكەن.

ئەنگلىيەنىڭمۇ ئامېرىكادىن ئەڭ كۆپ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىشى دىققەت قوزغايدۇ.

ئەنگلىيە ۋاشىنگتوندىن 2017-يىل ئىچىدە ئوخشىمىغان تۈرلەر بويىچە 3.2 مىليارد دوللارلىق قورال-ياراغ سېتىۋالغان.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بولسا، ئامېرىكادىن 3 مىليارد 45 مىليون دوللار قىممىتىدە قورال –ياراغ سېتىۋالغان.

تەيۋەن بىلەن ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنت ترامپ دەۋرىدە 1 مىليارد دوللارغا يېقىن قورال-ياراغ سېتىۋالغان دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ.

كونگرەنىڭ مەلۇماتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما سەككىز يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا تەخمىنەن 277 مىليارد دوللار، يىللىق ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 35 مىليارد دوللار قىممىتىدە قورال ساتقان بولۇپ، ئۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ كۆپ قورال ساتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر