تۈركىيە بىلەن تايلاند ساياھەت كېلىشىمى تۈزدى

تۈركىيە - تايلاند ساياھەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىلەن تايلاند ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا «ياخشى نىيەت كېلىشىمى» ئىمزالاندى.

844162
تۈركىيە بىلەن تايلاند ساياھەت كېلىشىمى تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئاسىيا ۋە يىراق شەرق سودا ئىشلىرى مۇئاۋىن مەسئۇلى تۇنجاي ئەمىنئوغلى بىلەن تايلاند ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن خەلقئارا سودا ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى سىسۇدا ۋاناپىنيوساك ئىشتىراك قىلغان ئىمزا مۇراسىمى ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى «دۇنيا ساياھەت يەرمەنكىسى» دە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مۇراسىمدىن كېيىن  تايلاند ساياھەت ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى كوكبارن ۋاتتاناۋرانكۇل يەرمەنكىدىكى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ سۇپىسىنى زىيارەت قىلىپ، كېلىشىمنى ئىمزالىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىر يىللىق كېلىشىم ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تەنتەربىيە، مەدەنىيەت، ئاشپەزلىك ۋە تارىخىي ساياھەتنى جانلاندۇرۇش نىشان قىلىنىدىكەن. شۇنداقلا تۈركىيە – تايلاند ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 60 – يىللىقىغا توغرا كېلىدىغان 2018 – يىلى ئۆزئارا ساياھەتنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشان قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر