سېنتەبىر ئېيىدا ئېكسپورت رەقەملىرى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتىدا سېنتەبىر ئېيىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %8.7 ئاشتى.

838081
سېنتەبىر ئېيىدا ئېكسپورت رەقەملىرى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن تاموژنا ۋە سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن توپلانغان سېنتەبىر ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى سودا ئىستاتىستىكا رەقەملىرى ئېلان قىلىندى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئېكسپورت رەقىمى 2017-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا 2016-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %8.7 ئېشىپ، 11 مىليارد 848 مىليون دوللارغا يەتكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قىلىنغان ئېكسپورت 2016-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %7.9 ئېشىپ، 5 مىليارد 904 مىليون دوللارغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، گېرمانىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت 2017-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا 1 مىليارد 234 مىليون دوللارغا يەتكەن، ئەنگلىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت 766 مىليون دوللار بىلەن ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئامېرىكاغا قىلىنغان ئېكسپورت 678 مىليون دوللار، ئىراققا قىلىنغان ئېكسپورت 654 مىليون دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر