تۈركىيە دۇنيانى ھاڭ - تاڭ قالدۇرماقتا

تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى پۈتكۈل دۇنيانى ھاڭ - تاڭ قالدۇرماقتا.

830554
تۈركىيە دۇنيانى ھاڭ - تاڭ قالدۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا%5ئەتراپىدا گۈللىنىشى خەلقئارا ئورگانلارنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادى توغرىسىدىكى تەخمىنلەرنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

خەلقئارالىق پۇل فوندى تەشكىلاتى تۈركىيە ئىقتىسادى توغرىسىدىكى تەخمىنلىرىنى ئاشۇردى، ئارقىدىنلا دۇنيا بانكىسىمۇ تەخمىنىنى ئاشۇرۇشنىڭ سىگنالىنى بەردى، دۇنيا بانكىسى تۈركىيە مۇدىرى جوھاننېس زۇتت مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زورىيىش تەخمىنىنى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ تەخمىنىگە ئوخشاش تەرىقىدە %5 ئەتراپىدا ئۆزگەرتىمىز، چۈنكى تۈركىيە ئىقتىسادى بىز تەخمىن قىلغاندىنمۇ بەكرەك زورايدى.»

 دۇنيا بانكىسى بۇ يىلقى ئىيۇن ئېيىدىكى دوكلاتىدىمۇ تۈركىيە ئىقتىسادىي توغرىسىدىكى تەخمىنىنى %3تىن %3.5گە ئاشۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر