تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئەنقەرەدىن چەت ئەلگە بىۋاسىتە ئۇچىدۇ

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى پايتەخت ئەنقەرەدىن چەت ئەلگە بىۋاسىتە ئۇچۇش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ.

816905
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئەنقەرەدىن چەت ئەلگە بىۋاسىتە ئۇچىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى مەسلىھەت ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنقەرەدىن چەت ئەلگە بىۋاسىتە ئۇچۇش خىزمىتى 29 – ئۆكتەبىر كۈنى باشلىنىكەن.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ئىلكەر ئايجى ئەنقەرەدىن 29 – ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ فرانكفورت شەھىرىگە ئۇچۇش باشلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەپتىدە 3 قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى، 30 – ئۆكتەبىر كۈنى بېرلىنغا، 31 – ئۆكتەبىر كۈنى ئاۋىستىرىيەنىڭ ۋىيانا شەھىرىگە ئۇچۇش باشلىنىدىغانلىقىنى،  بۇنىڭ ھەپتىدە 2 قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئەنقەرەدىن گېرمانىيەنىڭ دۈسسېلدورف، گوللاندىيەنىڭ ئامېستېردام شەھەرلىرىگىمۇ بىۋاسىتە ئۇچۇش باشلىنىدىغانلىقى، بۇ خىزمەتنىڭ بۇ شەھەرلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر