پۇتىن شىمالىي دېڭىز لىنيەسىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئادىياراتىك دېڭىزى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان شىمالىي دېڭىز لىنيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

803587
پۇتىن شىمالىي دېڭىز لىنيەسىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى كېمىسازلىق زاۋۇتىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ كېمىسازلىق زاۋۇتىنى يۈك پاراخوتلىرى ياسىغانلىقى ئۈچۈن تەبرىكلىدى. ئۇ: «ۇ پاراخوتلار روسنېفىتنىڭ ھەجىمىنى، يەرلىك يېقىلغۇ ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىن باشقا، دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم لايىھە ھېسابلىنىدىغان شىمالىي دېڭىز لىنيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. مەزكۇر لايىھە پەقەت دۆلىتىمىز ئۈچۈن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى ئۈچۈنمۇ مۇھىمدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر