خەۋپسىزلىك كېڭىشى 4 دۆلەت ئۈچۈن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەمەن، سومالى، نىگېرىيەنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىي سۇداندا توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن 20 مىليون كىشىنىڭ ئاچارچىلىق كىرىزىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

787275
خەۋپسىزلىك كېڭىشى 4 دۆلەت ئۈچۈن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە 15 دۆلەتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن باياننامىدە ئەسكەرتىلىشىچە، 4 دۆلەتتىكى توقۇنۇشلار پۇقرالارغا ئېغىر زىيانلارنى سالماقتا ئىكەن.

توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ داۋاملىق كىرىشىگە رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان باياننامىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شۇ سەۋەبلىك 20 مىليون كىشى ئاچارچىلىق كىرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

تەرەپلەر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىگە توسالغۇ بولماسلىقى ۋە پۇقرالارنى قوغدىشى چاقىرىق قىلىنغان باياننامىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېستىن مەزكۇر 4 دۆلەتتە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى پۇقرالارغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە توسالغۇ بولۇۋاتقان تەرەپلەر ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارە – تەدبىرلىرى ھەققىدە دوكلات ھازىرلىشى تەلەپ قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنغان باياننامە توغرۇلۇق يازما بايانات ئېلان قىلغان ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىكى ھېيلى ئاچارچىلىقنىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۇنجى قېتىم توقۇنۇشلار ۋە ئاچارچىلىق ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋىتى بار دەپ قارالغان بىر باياننامىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنگلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ماتھېۋ ريىوات ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «نۆۋەتتە ئاچارچىلىققا پەقەت كىلىمات شارائىتلىرى ياكى نوپۇسنىڭ كۆپلۈكىلا ئەمەس، ئىنسان ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ھەرىكەتلەر، بولۇپمۇ توقۇنۇشلار سەۋەب بولماقتا» دېدى.

ئۇ يەنە، بۇ مەسىلىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلۈشى ۋە  بۇنىڭ چارە – تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر