تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە ياۋروپا بويىچە 4 – ئورۇندا تۇرىدۇ

تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە يانۋاردىن تارتىپ ئىيۇلغىچە بولغان 377 مېگاۋاتلىق ئىقتىدارى بىلەن ياۋروپا بويىچە 4 – رەتكە تىزىلدى.

786050
تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە ياۋروپا بويىچە 4 – ئورۇندا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا  شامال ئېنېرگىيەسى بىرلىكى (WindEurope) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپادا بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېي ئىچىدە جەمئىي 6 مىڭ 100 مېگاۋاتلىق شامال ئىقتىدارى سىستېمىغا داخىل قىلىنغان.

بۇ مەزگىلدە گېرمانىيە ياۋروپادا 2 مىڭ 200 مېگاۋاتلىق شامال ئېنېرگىيەسىنى سىستېمىغا داخىل قىلىپ، بىرىنچى رەتكە تىزىلغان، 1200 مېگاۋات بىلەن  ئەنگلىيە ئىككىنچى رەتكە، 492 مېگاۋات بىلەن فىرانسىيە ئۈچىنچى رەتكە، تۈركىيە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا 377 مېگاۋاتلىق شامال ئېنېرگىيەسىنى سىستېمىغا داخىل قىلىش بىلەن تۆتىنچى رەتكە تىزىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر