مۇدىيس، قاتارنىڭ كىرېدىت كۆرسەتكۈچىنى ئۆزگەرتتى

خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش شىركىتى – مۇدىيس، قاتار بانكىچىلىق سىستېمىسىنىڭ نومۇر كۆرسەتكۈچىنى «تۇرغۇن» لۇقتىن «مەنپىي» لىككە تۆۋەنلەتتى.

785816
مۇدىيس، قاتارنىڭ كىرېدىت كۆرسەتكۈچىنى ئۆزگەرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇدىيس بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، كىرېدىت نومۇرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قارارىنىڭ، قاتار بانكىلىرى دۇچ كەلگەن «پۇل – مۇئامىلىسى بېسىمىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە پائالىيەت شارائىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى» نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

باياناتتا، «كۆرسەتكۈچ يەنە، قاتار ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بانكىلىرىغا ھەمنەپەس بولۇش ئىقتىدارىدىكى ئاجىزلىشىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا مۇدىيسنىڭ، قاتار بانكىچىلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى 12 – 18 ئايلىق مەزگىلدە قانداق بولىدىغانلىقىغا دائىر مۆلچەرلىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر