تۈركىيە بىلەن تايلاند ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈشكە تەييارلانماقتا

ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى تۈركىيە بىلەن تايلاند ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن مۇزاكىرىلەر باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

773730
تۈركىيە بىلەن تايلاند ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى تۈركىيە بىلەن تايلاند ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىنىدىغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ھەر  ئىككى دۆلەتنىڭ ئىسكپورت مىقدارىنى %40 ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى بارلىقىنى بىلدۈردى.

زەيبەكچى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان تايلاند سودا مىنىستىرى ئاپىرادى تانتراپورن بىلەن ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمى تۈزۈش مەسىلىسى توغرۇلۇق قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

تۇنجى باسقۇچتا سودىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىم ئىمزالاشنى پىلانلىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن زەيبەكچى، كېيىنكى باسقۇچتا مەبلەغ، مۇلازىمەت ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ساھەلىرىنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر زەيبەكچى بۇ ساھەلەرنىڭ كېلىشىم دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈشى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ تاموژنا بىرلىكى كېلىشىمىدىن سىرت تۈركىيەگە يېقىن دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ياكى باشقا خىلدىكى سودا كېلىشىملىرىنىڭ تۈزۈلگەنلىكىنىمۇ ئېيتقان زەيبەكچى مۇنداق دېدى: «بۇ قارىشىمىزنى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن يىراق شەر دۆلەتلىرىگىمۇ تارقىتىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»

زەيبەكچى بۇ مەقسەت بىلەن جەنۇبىي كورېيە ۋە مالايشىيا بىلەن تۈزۈلگەن ئەركىن سودا كېلىشىملىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى، سىنگاپۇر بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭمۇ پارلامېنتتا ماقۇللانغانلىقىنى، ھىندېنوزىيە ۋە ۋېيتنام بىلەنمۇ بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تايلاند بىلەن ئىمزالىنىدىغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئىككى دۆلەتكە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان زەيبەكچى سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «كەسپىي ھەيئەتلىرىمىزنىڭ مەسلىھەتلىرى دائىرىسىدە ھەر ئىككى دۆلەت ئەركىن سوداكېلىشىمىنىڭ تەسىرلىرى ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ باردى، ئانالىز نەتىجىسىدە ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈلۈپ ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىسكپورت مىقدارىنىڭ %40 ئاشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلدۇق، بىز تايلاند مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئەمەلىيلىشىشكە باشلىغاندىن كۈندىن بۇيان 3يىل ئىچىدە ئىكسپورت مىقدارىمىزنى ئىككى ھەسسىگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلدۇق.»

تايلاند سودا مىنىستىرى ئاپىرادى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

دۇنيادا ئىقتىسادىي مەۋھۇملۇقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئاپىرادى مۇنداق دېدى: «بۇ قىيىن دەۋردىن ساق-سالامەت ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن ئەركىن سودا كېلىشىمى بىزگە نىسبەتەن تولىمۇ پايدىلىق، دەپ قارايمەن.»

تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئەتراپلىق كېلىشىم ئىمزالاشنى تولىمۇ خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئاپىرادى، ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالانسا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىكىسپورتىغا، ئىقتىسادىي گۈللىنىشىگە ۋە خىزمەت پۇرسىتى يارىلىتىشىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادلىرىنىڭ بىر-بىرىنى تاماملاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئاپىرادى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كېلەر يىلى تايلاند بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 60-يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز، بىز ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ كېلەر يىلغىچە تۈزۈلۈپ بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمىز.»

يىغىندىن كېيىن مۇزاكىرىلەرنىڭ باشلىنىشى توغرۇلۇق ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر