ئىشىق: تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدە ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا باشلانغان «پارىژ ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى يەرمەنكىسى» گە قېتىلغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدە ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

756061
ئىشىق: تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدە ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىكرى ئىشىق، پارىژدىكى ھەر قايسى ئەللەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياساپ چىققان ھاۋا قاتنىشى ۋاسىتىلىرىنى تونۇتقان يەرمەنكىدىن كېيىن، تۈركلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئىپتار زىياپىتىدە ئۇچراشتى. ئۇ، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدىكى ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشەنچ بېغىشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يەرلىك مۇداپىئە سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى سىياسىي نىشانى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

فىكرى ئىشىق، «ئۆزىمىز ئىشلەپچىقارغان قوراللارنى، سىستېمىلارنى پۈتكۈل دۇنيانىڭ باھالىشىغا سۇنۇش ياخشى ئەھۋال. بىراق، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم شىركەتلىرىنىڭ <بىز تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىشنى خالايمىز دېيىشى> تېخىمۇ ياخشى ئەھۋال» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر ئىشىق سۆزى جەريانىدا، پارىژنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا بىلەن ھەم سىياسىي ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن مۇھىم بىر جاي ئىكەنلىكىگىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر