17 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى ناھايتى زور خەۋپ كۈتمەكتە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قەھەتچىلىك ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن يەمەندە 17 مىليون ئارتۇق ئىنساننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزۇق – تۈلۈكىنىڭ قەيەردىن كېلىشىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

753200
17 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى ناھايتى زور خەۋپ كۈتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبات باشمارمىسى باياناتچىسى ستېفان دۇراجىچ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، يەمەندىكى ئىنسانىي كىرىزىس توغرۇلۇق توختىلىپ، يەمەننىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېچىنىشلىق ئاچارچىلىق كىرىزىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، دۆلەت نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ناھايىتى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كولېرا ۋاباسى قاپلاپ كەتكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ يەمەندىكى كولېرا ۋاباسى سەۋەبلىك 942 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر