تۈركىيە قاتارغا مىڭ توننا يېمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى يەتكۈزۈپ بەردى

تۈركىيە قاتارغا 5 كۈن ئىچىدە ئىزمىردىن قوزغالغان 15 ئايروپىلان بىلەن مىڭ توننا يېمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى يەتكۈزۈپ بەردى.

751003
تۈركىيە قاتارغا مىڭ توننا يېمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى يەتكۈزۈپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئەرەب دۆلەتلىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەن قاتارنى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانلىرى بىلەن ھەر كۈنى 3 قېتىم يېمەك – ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن باشلانغان بۇ خىزمەت ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىزچىل داۋاملاشماقتا.  سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قامال قىلىشى بىلەن ناھايىتى قىيىن ئۆتكەلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان قاتارغا 5 كۈندە ئادنان مەندەرەس ئايرودۇرۇمىدىن قوزغالغان 15 ئايروپىلان ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى يەتكۈزۈپ بېرىلدى. ئېمبارگولارنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان قاتارغا يۈز بەرگۈسى يېمەك - ئىچمەك ۋە سۇ قىيىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە تۈركىيەدىن تەخمىنەن مىڭ توننا يېمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى يەتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر