تۈركىيەدە ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى

دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە «ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

747639
تۈركىيەدە ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە، 16 – ئاپرېلدىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسىغا ئۆتۈشنىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن، يېڭى بىر دەۋرنىڭ ھارپىسىغا قەدەم قويدى. ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇش نىشانلىرىغا ئىگە بۇ يېڭى سىستېمىنىڭ تۈركىيەنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىش مۇساپىسىگە قەدەم بېسىشىدا ئىتتەرگۈچى ئامىل بولىدىغانلىقىغا قىل سىغمايدۇ. سىياسەت مېخانىزمىنىڭ بۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلىدىغان بۇ يېڭى سىستېما، كۆپلىگەن ساھەلەردىكىگە ئوخشاشلا ئىقتىسادتىمۇ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئىقتىسادتا يېڭى بىر ئۇتۇق ھېكايىسى يېزىش ئۈچۈن، ھەم بىر يول خەرىتىسىگە بولغان ئېھتىياج ھەم بۇ يول خەرىتىسىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئورگانلارنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى. قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئىقتىسادىي ئورگانلار ئارا پائال ھەمكارلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. بۇ مۇساپىدە مەركەزلىشىش كېرەك بولغان ئەڭ مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى، مىنىستىرلىقلار ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قاناللىرىنىڭ ئاساسىنى ساغلاملاشتۇرۇشتۇر. بۇنداق بولغاندا، تەرتىپكە سېلىنىپ بولغاندىن كېيىن مىنىستىرلىقلار ئۆز ئارىسىدا ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭمۇ ئۆز ئىچىدە ماسلىشىشنى كۈچكە ئىگە قىلىشىنى كۈتكىلى بولىدۇ.

ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى بىلەن، بۇ ئورگانلارنىڭ خىزمەت پىلانىمۇ قايتىدىن لايىھەلىنىدۇ. مەسىلەن، تۈركىيە ئۇزۇن يىللار بويىچە دەردىنى تارتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئورگانلاردىكى كۆپ باشلىقلىق ۋە بىيۇروكراتىك توسالغۇ بولدى. ئورگانلارنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى كۆپ باشلىقلىق ھالىتىگە خاتىمە بېرىشنىڭ پائال چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن. ياخشى پىلانلانغان چارىلەرگە تايىنىپ، تېخىمۇ پائال، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت سىستېمىسى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ مۇساپىدە ئورگانلار ئارىسىدىكى بىيۇروكراتىيە ئازايتىلغان تەقدىردە، ئىش تۈگىتىش مۇددىتىنىڭ قىسقىرىشى ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت سىستېمىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىماللىقى بار. قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشنى روياپقا چىقارغان بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادتىكى نىشانلىرىغا يېتىشى ئاسانغا توختايدۇ. بولۇپمۇ 2023 ۋە 2053 – يىللىق نىشانلىرى بار بولغان تۈركىيەنىڭ بۇ قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشلەرگە نەقەدەر ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق.

تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان تۈركىيە، ئىقتىسادنىڭ دىنامىكلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، نۆۋەتتە تېخىمۇ تېز ۋە ئاكتىپ بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ. تۈركىيەنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىشى ۋە دۆلەتتىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىدا ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

ھەممىدىن مۇھىمى، كىرىمى ئوتتۇرھال ئەللەر قاتارىدىن چىقىپ كىرىمى يۇقىرى ئەللەر قاتارىغا كىرىشى ئۈچۈن، تېخىمۇ توغرىسى <ئوتتۇرا ھال كىرىم> تۇزىقىغا چۈشمەسلىك ئۈچۈن، قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشلەرنى روياپقا چىقىرىش ھازىرقى ئەھۋالدا تېخىمۇ مۇھىم. يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيا ئىقتىسادىي كۈچ مۇۋازىنىتى تۈركىيەگە ئوخشاش تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرگە يۈزلىنىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، تۈركىيەنىڭ قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشلەرنى روياپقا چىقىرىشى بوسۇغىسىغىچە كەلگەن پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىشىغىمۇ ياردەمچى بولىدۇ.

ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ياخشىلىنىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشتا زايا قىلىدىغان ۋاقتى  بولمىغان تۈركىيەنىڭ، مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ئېلىپ بارىدىغان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلار سايىسىدا، 2019 – يىلىغىچە تەشكىلىي قۇرۇلمىنى تېخىمۇ پائال ھالەتكە كەلتۈرۈشى كۈتۈلمەكتە. بۇ ئەھۋال، تۈركىيەدە تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە جانلىق ئىقتىسادىي ئورگانلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىلغان ئورگانلار ئىقتىسادتىكى تۇراقسىزلىق ھاۋاسىنى يوقىتىپ، سېلىنما ئۈچۈن ئىشەنچ مۇھىتى يارىتىدۇ، شۇنداقلا سېلىنمىلارنىڭ زورىيىشىنىڭمۇ يولىنى داغداملاشتۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈشى، دۇنيا پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدا رىقابەتلىشەلەيدىغان ھالەتكە يېتىشى ۋە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىغان يېرىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن، قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىش بىر خىل مەجبۇرىيلىققا ئايلاندى.

خۇلاسىلىگەندە، جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئالدىدىكى كۆپلىگەن توسالغۇ ئېلىپ تاشلانغان، مەسىلىلەر ئېنىقلاپ چىقىلغان ۋە چارە – تەدبىرلەر تېخىمۇ دەل ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى بىر سىياسىي تۈزۈمنى بىرلىكتە ئېلىپ كېلىدۇ. تۈركىيەدە تېز ۋە پائال قارار چىقىرىش مېخانىزمىنى تەتبىقلاشتا كۈچلۈك رول ئوينايدىغان بۇ يېڭى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلار، ئىقتىسادتا بەلگىلەنگەن نىشانلارغا يېتىشنى قولايلاشتۇرىدۇ.

ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تۈپ ئېھتىياجلىرىدىن بىرى بولغان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلارنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى يولىدا كونكرېت قەدەملەر تاشلانغان تەقدىردە، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ئىجابىي مۇھىتقا كىرىدىغانلىقىنى بىلىش لازىم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر