خىتاينىڭ پايچېك بازىدىكى تۆۋەنلەش ھەممىنى ئەندىشىگە سالماقتا

خىتاينىڭ پايچېك بازىدىكى تۆۋەنلەشلەر مەبلەغ سالغۇچىلارنى بۇ يىل مۇقىملىقنىڭ داۋاملىشىدىغان ياكى داۋاملىشالمايدىغانلىقىغا دائىر قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا.

716140
خىتاينىڭ پايچېك بازىدىكى تۆۋەنلەش ھەممىنى ئەندىشىگە سالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نوپۇزلۇق ئىقتىساد قاناللىرىدىن «Bloomberg»نىڭ خەۋىردە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

خىتاينىڭ پايچېك بازىدىكى تۆۋەنلەشلەر مەبلەغ سالغۇچىلارنى بۇ يىل مۇقىملىقنىڭ داۋاملىشىدىغان ياكى داۋاملىشالمايدىغانلىقىغا دائىر قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا.

شاڭخەي بىرلەشمە ئېندېكسى 4 كۈندىن بۇيان ئىزچىل چېكىنىش بىلەن  تەخمىنەن %3.4 تۆۋەنلەپ دېكابىر ئېيىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تۆۋەنلەشكە دۇچ كەلدى.

«پىسخىئولوگىيەلىك سەۋىيە» دەپمۇ ھېسابلىنىدىغان ئەقەللىي 3200 نومۇرلۇق سەۋىيەسى مۇشۇ ئىككى ئايدىن بۇيان تۈنجى قېتىم بۇزۇلدى. كۆرسەتكۈچ 100 كۈنلۈك ھەرىكەت ئوتتۇرىچە ھېسابىدىنمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. «volatilite Endeksi» دېيىلىدىغان مەبلەغ سېلىشقا خەۋپلىك كۆرسەتكۈچ نىسبىتى بولسا ئۆرلىمەكتە.

خۇسۇسىي مەبلەغچىلەر ھاكىم ئورۇندا تۇرىدىغان 7 تىرىليون دوللارلىق خىتاي پايچېك بازىرىنىڭ ئىشەنچتىن ئايرىلىپ قىلىشىنى ئىزاھلاش ئاسان ئەمەستەك قىلىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە شىمالىي كورېيە يىرىكچىلىكى ۋە خىتاي مەركەز بانكىسى تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرغان تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش چارىلىرى تۈپەيلىدىن پايچېك بازىرىدىكى ئەندىشىلەرنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى ۋە پايچېكلەرنىڭ قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاينىڭ نۇقتىلىق پايچېك كۆرسەتكۈچى ھېسابلىنىدىغان  ChiNext Endeksi»» مۇ  2015 – يىلى سىنتەبىردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە يېپۇلىشقا يۈزلەندى.

«Baptized Capital» شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يىن مىڭ: «بۇ يىل بويىچە بۇ خىل ئىنچىكە ھېسابلار تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن» دېدى ۋە زىيان ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالداۆ دۆلەت ياردەم فوندى ئارقىلىق بازارنى جانلاندۇرۇش قەدەملىرى تاشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى  ئېيتتى.

خىتايدا شاڭخەي بىرلەشمە ئېندېكسى ئەتىگەن سائەت 09:22 ئۆتكەندە، %1.04 تۆۋەنلەپ، 3162.96 نومۇرغا چۈشۈپ قالدى.

خىتاينىڭ نۇقتىلىق پايچېكى كۆرسەتكۈچى ھېسابلىنىدىغان «ChiNext Endeksi»  بولسا، %0.80 تۆۋەنلەپ 1832.76 نومۇرغا چۈشۈپ قالدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر