ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

ئانتالياغا  مارت ئېيىدا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيدى.

705581
ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارت ئېيىدا ئانتالياغا چەت ئەللەردىن 165 مىڭ 741 كىشى كەلدى.

45 مىڭ 992 كىشى بىلەن گېرمانىيە بىرىنچى رەتكە، 29 مىڭ 782 كىشى بىلەن ئىران ئىككىىنچى رەتكە، 24 مىڭ 134 كىشى رۇسىيە ئۈچىنچى رەتكە، 8 مىڭ 540 كىشى بىلەن ئەنگلىيە تۆتىنچى رەتكە، 4 مىڭ 571 كىشى بىلەن ئىسرائىلىيە بەشىنچى رەتكە، 4 مىڭ 547 كىشى بىلەن دانىيە ئالتىنچى رەتكە، 4 مىڭ 223 كىشى بىلەن گوللاندىيە يەتتىنچى رەتكە، 3 مىڭ 215 كىشى بىلەن نورۋېگىيە سەككىزىنچى رەتكە، 2 مىڭ 879 كىشى بىلەن بېلگىيە توققۇزىنچى رەتكە، 1717 كىشى بىلەن ئۇكرائىنا ئونىنچى رەتكە تىزىلدى.

ئۆتكەن ئاي رۇسىيەدىن ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر