تۈركىيە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى بىلەن سكورسكىي ئارىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى بىلەن دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچىسى سكورسكىي تىك ئۇچار ئايروپىلان شىركىتى ئارىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ھەر خىل تىك ئۇچارلار سايمانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى باش مۇدىرى تەمەل كوتىل بىلەن سكورسكىي تىك ئۇچار ئايروپىلان شىركىتى باشلىقى دان شۇلتزنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھەمكارلىق دائىرىسىدە، لايىھەنىڭ دەسلەپكى 10 يىللىق باسقۇچىدا 270 مىليون دوللار قىممىتىدە مەھسۇلات تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.
كېلىشىمگە تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى بىلەن سكورسكىي شىركىتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئېلىش – سېتىشنى تاللاش ھوقۇقى مۇددىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە 2044 – يىلىغىچە داۋاملىشىشى ۋە لايىھە ھەجىمىنىڭ كەم دېگەندە 500 مىليون دوللارغا يېتىشى پىلانلانماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيە 4-ئايدا 211 مىليون 494 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.