شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى قايتىدىن مۇزاكىرەگە قويۇلىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىنى قايتىدىن مۇزاكىرەگە قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

657069
شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى قايتىدىن مۇزاكىرەگە قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كانادا ۋە مېكسىكا زىيارەتلىرىدە شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىنى كۆچمەنلەر ۋە چېگرا بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن قايتىدىن مۇزاكىرەگە قويىمىز» دېدى.

دونالد ترامپ 2016-يىلىدىكى سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدە، شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىنى قايتىدىن مۇزاكىرەگە قويۇش كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان ئىدى.

مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇيىس ۋىدېگاراي كاسومۇ ئامېرىكىدا دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېدېنتلىققا سايلىىشى بىلەن، دۆلەت ئىقتىسادىدىكى سەلبىي ۋەزىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىنى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر