تۈركىيەدە كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپلىق كارخانىلارنى جىددىي قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش لايىھەسى

دوسنت دوكتور ھۈسەيىن كارامەلىكلىنىڭ تۈركىيەدە كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپلىق كارخانىلارنى جىددىي قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش لايىھەسى توغرىسىدىكى ئانالىزى

625653
تۈركىيەدە كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپلىق كارخانىلارنى جىددىي قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش لايىھەسى

ئىلگىرىكى ئىككى پىروگراممىمىزدىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىش ۋە يېڭى ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىشتا چوڭ گۇرۇھلار، ھەسسىدارلىق  شىركەتلىرىگە ئوخشاشلا  مۇھىم رول ئوينايدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە چوڭ شىركەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ سېلىنمىلىرى مۇھىم رول ئويناش بىلەن بىرگە،  بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېڭى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپلىق كارخانىلار ھەل قىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپلىق كارخانىلار چوڭ كارخانىلارنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا كارخانچىلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە گۈللىنىشىنى نىشان قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپلىق كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى تولىمۇ زۆرۈر.

تۈركىيە دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي كۈچلۈك 20 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان بولۇپ،  ياش ۋە دىنامىك نوپۇسى بىلەن يېقىنقى يىللاردا مۇلازىمەت كەسپىدە كۆرىنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانلىرى بىلەنمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆرىنەرلىك دەرىجىدە گۈللەنمەكتە. ياش نوپۇسقا يېڭى ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىپ بېرىش تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان تۈركىيە ئىقتىسادىدا، چوڭ شىركەتلەرگە ئوخشاش ئۇششاق تىجارەتچىلەر ياكى ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلارمۇ تولىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. كۈنىمىزدە پائالىيەت قىلىۋاتقان چوڭ شىركەتلەر ۋە گۇرۇھلار ئەسىرلەر بۇرۇن ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلار سۈپىتىدە پائالىيەت قىلغان بولسا، كۈنىمىزدە نۇرغۇن ساھەگە مەبلەغ سالالايدىغان قۇدرەتكە ئېرىشتى.  دۆلەت  مەملىكەت مىقىياسىدا ئىگىلىك يارىتىش روھىنى كۈچەيتىش ۋە ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلارنى قوللاش مەقسىتىدە نۇرغۇن لايىھە ۋە خىزمەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. مەسىلەن،  دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى خەلق بانكىسى، ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قوللاش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادتىكى رولىنى ئاشۇرۇش، رېقابەت ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتلارغا ماس ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە كۆرىنەرلىك ۋە كونكرېت خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىر مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە پايچىكلەر ۋە كارخانىلار ئۇيۇشمىسى يېزا-ئىگىلىك بانكىسى، دېڭىز بانكىسى ۋە كىرىدېت گارانتى فوندى   قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا «ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلارنى جىددىي قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش»لايىھەسىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چانكا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلغان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، 5 مىليارد لىرالىق قەرز پۇلدىن %10دىن تۆۋەن يىللىق قەرز پۇل ئۆسۈمى بىلەن پايدىلانغانلىقى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە بازارلاردىكى قەرز ئۆسۈملىرىنى تۆۋەنلەتكەن تەقدىردە، مەزكۇر لايىھە تۈرتكىسىدە ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلار بۇ قەرز پۇل سىستېمىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدۇ. قەرز پۇلغا مۇناسىۋەتلىك خەتەرنىڭ %15نى بانكىلار، %85نى كىرىدېت گارانتى فوندى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنداق بولغاندا تۇنجى باسقۇچتا 80مىڭ ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلارنى خېلى ئارام تاپقۇزالايدىغان، ھاجىتىنى كۆرەلەيدىغان ئىقتىسادىي مەنبە يارىتىپ بەرگەن بولىمىز.»

قىسقىسى، مەيلى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىدا بولسۇن، مەيلى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىدا بولسۇن ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلار يېڭى ئىش پۇرسەتلىرى بەرپا قىلالايدىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىش روياپقا چىقىرالايدىغان ئەڭ مۇھىم ئورۇنلاردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھەر قانداق دۆلەتتە ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلارنى قوللاش ئىقتىسادىي گۈللىنىشنىڭ سىجىللىقى جەھەتتىن تولىمۇ مۇھىمدۇر. تۈركىيە كۈچلۈك ئىقتىسادىي، دىنامىك ۋە ياش نوپۇس قۇرۇلمىسى بىلەن، 2023-يىلىدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۇنيا بويىچەئالدىنقى 10 چوڭ دۆلەت قاتارىغا كىرىشنى نىشان قىلماقتا. بۇ نىشان دائىرىسىدە ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلارنى قوللاش ئۈچۈن نۇرغۇن لايىھەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ لايىھەلەر ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلارنى قۇرۇش، سەۋىيەلىك ۋە ساپالىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈش ۋە  پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ئوخشىمغان يوللار بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىرىلماقتا. ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلارغا 50 مىليارد تۈرك لىراسىلىق  تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بېرىلىشتىن سىرت، يېڭى لايىھەلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ لايىھەلەردىن ئەڭ مۇھىم بولغىنى «ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلارنى جىددىي قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش» لايىھەسى بولۇپ، نۆۋەتتە 80 مىڭ ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلارغا 5 مىليارد لىرالىق تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇلدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلدى. كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلار دۆلەت ئىقتىسادىدا يېڭى ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىشنى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر