نېفىت باھاسى 42 دوللاردىنمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى
ئامېرىكىدا زاپاس نېفىت سانلىق مەلۇماتلىرى كۈتۈلگىنىدەك چىققاندىن كېيىن تۈنۈگۈن ئەلا سۈپەتلىك نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى %0.71 تۆۋەنلەپ 41 دوللار 91 سىنىتقا چۈشۈپ قالدى.
543954
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلا سۈپەتلىك نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بويانقى تۆۋەنلەشنىڭ تەسىرىدە 42 دۆللارنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ قالدى.
ئامېرىكىدا زاپاس نېفىت سانلىق مەلۇماتلىرى كۈتۈلگىنىدەك چىققاندىن كېيىن تۈنۈگۈن ئەلا سۈپەتلىك نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى %0.71 تۆۋەنلەپ 41 دوللار 91 سىنىتقا چۈشۈپ قالدى.
بۈگۈن ئاسىيا بازىرىمۇ ئىجابىي شەكىلدە داۋاملىشىپ، 41 دوللار 75 سىنىتقا چۈشتى.
18 – ئاپرىلدىن بۇيان تۆۋەن سەۋىيەدە كېتىپ بارغان غەربىي تېكساس تۈرىدىكى خام نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى بولسا، تۈنۈگۈن 39 دوللار 27 سىنىتقىچە چۈشكەن بولۇپ، 39 دوللار 60 سىنىتقىچە خېرىدار تېپىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.