ئۇكرائىنا رۇس ماللىرىغا قاراتقان ئېمبارگو سىياسىتىنىڭ مۇددىتىنى يەنە ئۇزارتتى
ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى رۇسىيە مەھسۇلاتلىرىغا قاراتقان ئېمبارگو سىياسىتىنىڭ مۇددىتىنى يەنە ئۇزارتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا رۇسىيە مەھسۇلاتلىرىغا قاراتقان ئېمبارگو سىياسىتىنىڭ مۇددىتىنى 2018-يىلغىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مەھسۇلاتلىرىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلمايدىغان قارارىغا قارىتا ئۇكرائىنا مىنىستىرلار كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلىنغان بۇ قارار، رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.
ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان مەزكۇر قارارغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان ئېمبارگو قارارىنىڭ مۇددىتى 2018-يىلى 1-يانۋارغىچە داۋاملىشىدىكەن.
ئۇكرائىنا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە سودا مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئۇكرائىنا مەھسۇلاتلىرىنىڭ رۇسىيە زېمىنلىرىدىن ئۆتۈشىگە چەكلىمە قويغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، بۇ چەكلىمىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستانغا مال ئەۋەتىشىگە سەلبىي تەسىر ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭغا قارىتا، ئۇكرائىنا ھاكىمىيىتى رۇسىيەنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ 2016-يىلى 5-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان ئېمبارگونىڭ 2018-يىلغىچە ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيە 4-ئايدا 211 مىليون 494 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.