توتال شىركىتى ئالجىرىيە ئۈستىدىن خەلقئارا كېلىشتۈرۈش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى

فىرانسىيە نېفىت شىركىتى توتال ئالجىرىيەنىڭ ئۈستىدىن جەنۋەدىكى خەلقئارا كېلىشتۈرۈش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.

527035
توتال شىركىتى ئالجىرىيە ئۈستىدىن خەلقئارا كېلىشتۈرۈش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيەنىڭ ئۈستىدىن خەلقئارا كېلىشتۈرۈش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان فىرانسىيەنىڭ توتال شىركىتى بايانات بېرىپ، ئالجىرىيەدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز چىقىرىش پائالىيەتلىرىدىن تېپىلغان پايدىنى بۆلۈشۈش مەسىلىسى بويىچە كۆرۈلگەن چۈشىنىشمەسلىكلەر تۈپەيلى خەلقئارا كېلىشتۈرۈش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، توتالنىڭ ئالجىرىيەدىكى سېلىنمىلىرىغا شېرىك بولغان ئىسپانىيە رېپسول گوروھىنىڭمۇ ئەرزنامىگە تەرەپ بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

فىرانسىيە مەتبۇئاتى، ئىككى شىركەتنىڭ ئالجىرىيەدىن 3 مىليارد 600 مىليون ياۋرو تۆلەم تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

توتال شىركىتى ئۆتكەن يىلى دۇنيادىكى پۈتكۈل سېلىنمىلىرىنىڭ قىممىتى 165 مىليارد ياۋروغا يەتكەن بولۇپ، بۇلاردىن ساپ 5 مىليون ياۋرو پايدا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر