پۇتىن: «‹تۈرك ئېقىمى› لايىھەسى» دىن ۋاز كەچمىدۇق

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈش نىشان قىلىنغان «‹تۈرك ئېقىمى› لايىھەسى» دىن ۋاز كەچمىگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

506208
پۇتىن: «‹تۈرك ئېقىمى› لايىھەسى» دىن ۋاز كەچمىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن كرېمل سارىيىدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن كۈرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىدىن ۋاز كەچمىدۇق، ئەمما تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا سىياسىي جەھەتتىن بىر قىسىم مەسىلىلەر بار. بۇ لايىھەنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياۋروپا كومىتېتىمۇ پوزىتسىيەسىنى ئېنىق بىلدۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيەسى ئېنىق ئەمەس.»

رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە شىركىتى Gazprom نىڭ تۈركىيەگە سېتىۋاتقان تەبىئىي گازنىڭ ئىلگىرىكى كېلىشىمگە ئاساسەن % 10 چۈشۈرمەسلىكى سەۋەبىدىن «‹تۈرك ئېقىمى› لايىھەسى» نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانىدى.

بۇلتۇر 24 – نويابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى لايىھە توغرۇلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر