خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى 25 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى 2015 – يىلى % 6.9 بولدى، شۇنىڭ بىلەن 25 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹جاھاندىكى ئۆزگىرىشلەر› تور بېتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تۆۋەن سەۋىيەدە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى 2015 – يىلى % 6.9 بولغان بولۇپ، 2014 – يىلىمۇ % 7.3 كەينىگە چېكىنىپ كەتكەن.
خىتاي 2015 – يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى % 7 كە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغانىدى. خىتايدا دېكابىر ئېيىدا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە پارچە سېتىش پىلانىمۇ ئورۇندالمىغان. خىتاينىڭ نويابىر ئېيىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى % 6 بولۇپ، دېكابىر ئېيىدا % 5.9 كە چۈشۈپ قالغان، نويابىر ئېيىدىكى % 11.3 لىك پارچە سېتىش نىسبىتى دېكابىر ئېيىدا % 11.1 كە چۈشۈپ قالغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.