يەرلىك پارتلاتقۇچ ئىشلەپچىقىرىش باشلاندى

55 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر يەرگە قۇرۇلغان زاۋۇت، قوياش نۇرىغا ئوخشاش تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان پارتلاتقۇچلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

146659
يەرلىك پارتلاتقۇچ ئىشلەپچىقىرىش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە تېخنىكىلىق تەرەققىياتلار داۋاملاشماقتا.
ماشىنىسازلىق ۋە خىمىيە سانائىتى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن تۈركىيە ئىلىم - پەن، تېخنىكا تەتقىقات ئىدارىسى ھەمكارلىشىپ، تۈنجى يەرلىك پارتلاتقۇچ ئىشلەچىقىرىش ۋە تولدۇرۇش زاۋۇتىنى قىرىق قەلئەدە قۇرۇپ چىقتى.
زاۋۇتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىلىم، سانائەت، ۋە تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرى فىكرى ئىشىق قاتناشتى.
55 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر يەرگە قۇرۇلغان زاۋۇت، قوياش نۇرىغا ئوخشاش تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان پارتلاتقۇچلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.
تۈركىيەنىڭ بۇ ساھەدە سىرتقا بېقىندى بولۇپ قېلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش نىشان قىلىنغان بۇ زاۋۇتتا يىلىغا 600 توننا پارتلاتقۇچ ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ.
زاۋۇتنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىنىڭ ئېكىسپورت سودا نىسبىتىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر