سەئۇدى ئەرەبىستاندە بىر ئايال تۇنجى قېتىم رېستوران ئاچتى

يانۋاردا بىر ئايال تەرىپىدىن ئېچىلغان ئادۋۇكاتلىق بىيۇروسىدىن كېيىن ئەمدىلىكتە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر ئايال رېستوران خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

142074
 سەئۇدى ئەرەبىستاندە بىر ئايال تۇنجى قېتىم رېستوران ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئايال كارخانىچى ئۇھۇد ئابدۇلھافىز تۈرك تائاملىرىنى تاللىدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈرك ئاشپازلەر ئېتىدىغان ئادانا ۋە خاتاي تائاملىرى سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلارغا تەقدىم قىلىنىدىكەن.
رېستوراننىڭ خوجايىنى ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېچىلىشقىمۇ مۇھىم مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى.
مېھمانلار ئارىسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان سودا بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ئەمىر ئابدۇللاھ مۇھەممەد سۇئۇد بىلەن تۈركىيەنىڭ جىددە باشكونسۇلى فىكرەت ئۆزەرمۇ بار ئىدى.
بۇلتۇر ئايللارغا خىزمەت ھوقۇقى بېرىلگەن بولسىمۇ ئەمما ئىش ئورنى ئېچىش رۇخسىتى؛ گۈزەللىك سالونى، ئۆي جىھازلىرى ۋە كىيىم - كېچەك سودا سارايلىرىغا ئوخشىغان ساھەلەر بىلەنلا چەكلەنگەنىدى.
بۇ ھەقتە تاشلانغان قەدەملەر نەتىجىسىدە دۆلەتتە ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر