ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنى ماقۇللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي ئۇكرائىنادا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى نەزەرگە ئېلىپ، بۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن بىرقانچە كۈنلۈك مۆھلەت بەردى

118876
 ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنى ماقۇللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي ئۇكرائىنادا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى نەزەرگە ئېلىپ، بۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن بىرقانچە كۈنلۈك مۆھلەت بەردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى رومپۇي، ئىتتىپاقنىڭ، ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىنى يازما بايانات ئارقىلىق جاكارلىدى.
رۇسىيەگە قارىتىلغان يېڭى ئېمبارگو تىزىملىكىنىڭ بىرقانچە كۈن ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن كۈچكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
دائىرىسى كېڭەيتىلگەن ئېمبارگولارغا ئاساسەن بىر قىسىم نېفىت شىرىكەتلىرىنىڭ ياۋروپا سەرمايە بازارلىرىدىن بايدىلىنىشى مەنئىي قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 24 كىشىگە ساياھەت چەكلىمىسى قويۇش ۋە مال - مۈلۈكلىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلۇشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر