تۈركىيەدىكى  18 بانكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بانكىلار ئارىسىغا  كىردى

«The Banker» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان بۇ يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ 1000 بانكا تىزىملىكىگە، تۈركىيەدىن 18 بانكا كىردى.

131641
تۈركىيەدىكى  18 بانكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بانكىلار ئارىسىغا  كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:دۇنيادىكى بارلىق بانكىلار ۋە پۇل – مۇئامىلە مەركەزلىرى ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئالاقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ۋە 1926 – يىلدىن تارتىپ نەشىر قىلىنىۋاتقان «The Banker» ژۇرنىلى، ئىيۇل ئېيىدىكى سانىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ 1000 بانكىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇ تىزىملىككە تۈركىيەدىن كىرگەن ئالدىنقى قاتاردىكى «ئىش بانكىسى»، «ئاكبانك» ۋە «گارانتى بانكىسى» نىڭ ئورنى ئۆزگەرمىدى.
«ING Bank»، « HSBC»، «بانك ئاسىيا»، «كۈۋەيت تۈرك بانكىسى»، «شەكەر بانكىسى»، ئودېيا بانكىسى»، «ئانادولۇ بانكىسى» ۋە «ئالباراكا بانكىسى» قاتارلىقلار سەرمايىلىرىگە ئاساسەن تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر