مىشېل «قاراباغ» ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرەلمىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل ئەزەربەيجانلىق ژۇرنالىستنىڭ «قاراباغ» ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىدى.

2047183
مىشېل «قاراباغ» ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل ئەزەربەيجانلىق ژۇرنالىستنىڭ: «ئەرمېنىيەنىڭ قاراباغنى بېسىۋېلىشى ۋە بىر مىليون ئەزەربەيجانلىقنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى نېمىشقا 30 يىل سۈكۈت قىلدى؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىدى.

چارلېز مىشېل تۈنۈگۈن ياۋروپا سىياسى ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپانىيەنىڭ گرانادا شەھىرىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەزەربەيجاننىڭ «‹ITV› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەرلەر دىرېكتورى فىكرېت دولۇقخانوۋ، ئەرمېنىيەنىڭ 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئەزەربەيجان زېمىنى بولغان قاراباغنى بېسىۋېلىشى سەۋەبىدىن بىر مىليون ئەزەربەيجانلىقنىڭ يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، مىشېلغا مۇنداق سوئال تاشلىدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭغا نېمىشقا 30 يىل سۈكۈت قىلدى، ئەمدىلىكتە بولسا ئەرمىنىيە نامىدىن باياناتلارنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭدىن كېيىن تەرەپسىز مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئوينىيالامدۇ يوق؟»

مىشېل «ياۋروپا ئىتتىپاقى نېمە ئۈچۈن 30 يىل سۈكۈت قىلدى؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەپسىز مۇرەسسەچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر