ۋېنگىرىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزەربەيجانغا قارشى باياننامەسىنى ۋېتو قىلدى

ۋېنگىرىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاغلىق قاراباغدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى ھەققىدە تەييارلىغان ئەزەربەيجانغا قارشى بىرلەشمە باياننامەسىنى ۋېتو قىلدى.

2041193
ۋېنگىرىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزەربەيجانغا قارشى باياننامەسىنى ۋېتو قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى توغرىسىدا تەييارلىغان باياننامەسى ۋېنگرىيە تەرىپىدىن ۋېتو قىلىندى.

باياننامەدە ئەزەربەيجاننىڭ ئۆز چېگراسى ئىچىدىكى قاراباغ رايونىدا ئېلىپ بارغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى ئەيىبلەندى ۋە تەرەپلەر ئەرمەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوچۇق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ دېموكراتىيە ئاساسىيدا سايلانغان ۋەكىللىرىنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياننامەدە ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىندى.

ۋېنگىرىيە ئەزەربەيجانغا قارشى بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن بۇ باياننامەنى ۋېتو قىلدى.

 ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ ھەممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى شەرت بولغان بىرلەشمە باياننامە ۋېنگىرىيەنىڭ ۋېتو قىلىشى سەۋەبىدىن قوبۇل قىلىنمىدى.

ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىدا ئاتالمىش ​​ھاكىمىيەتنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.

ئاخىرىدا، 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، خوجاۋەنت ۋىلايىتىدىكى ئەخمەتبەيلى-فۇزۇلى-شۇشا تاشيولىدا مىنانىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەن ئەزەربەيجان دۆلەت ئورگىنىغا تەۋە يۈك ئاپتوموبىلىدا 2 ئادەم قازا قىلدى.

نەق مەيدانغا كەتكەن ساقچى ماشىنىسىنىڭ باشقا بىر مىنانىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈشى نەتىجىسىدە 4 ساقچى شېھىت بولدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاراباغدا ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈچۈن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى قوزغىدى.

تەخمىنەن 24 سائەت داۋاملاشقان بۇ ھەرىكەتتىن كېيىن، ئەزەربەيجاننىڭ تەلەپلىرى قوبۇل قىلىندى ۋە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر