قاراباغنىڭ ئىشغالىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان تانكا باكۇغا يەتكۈزۈلدى

بىرىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدا ئەرمەنلەر تەرىپىدىن «غەلىبە ئابىدەسى» سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن ۋە ئىشغالىيەت مەزگىلىدە ئەرمەنلەرنىڭ غەلىبىسىنىڭ سىمۋولى قىلىنغان تانكا ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇغا يەتكۈزۈلدى.

2041265
قاراباغنىڭ ئىشغالىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان تانكا باكۇغا يەتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: (1992-يىلى 6-ئايدىن 7-ئايغىچە داۋاملاشقان) بىرىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدا ئەرمەنلەر تەرىپىدىن «غەلىبە ئابىدەسى» سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن ۋە ئىشغالىيەت مەزگىلىدە شۇشا-خانكەندى يولىدا ئەرمەنلەرنىڭ غەلىبىسىنىڭ سىمۋولى قىلىنغان تانكا ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇغا يەتكۈزۈلدى.

تۈنۈگۈن باكۇغا يەتكۈزۈلگەن تانكا ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدا ئەرمېنىيە ئارمىيەسىدىن قولغا چۈشۈرگەن قورال – ياراغ ۋە برونېۋىكلار كۆرگەزمە قىلىنىدىغان  «ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى باغچىسى» دەپ ئاتالغان دالا مۇزېيىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

442-نومۇرلۇق تانكا بىرىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدا شۇشانىڭ ئەرمېنىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى ھارپىسىدا ئەزەربەيجاننىڭ مىللىي قەھرىمانى ئالبېرت ئاگارۇنوۋ ئوققا تۇتقان، ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەرمەنلەر بۇ تانكىنى «غەلىبە ئابىدەسى» گە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ «غەلىبىسى» نىڭ سىمۋولى قىلىۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر